ترامپ: جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەك يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەك يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1040167
ترامپ: جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەك يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ترامپ «نۆۋەتتە بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆپ پۇل خەجلەشنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دېگەن.

باياناتتا، «پىرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيە لىدىرى بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خالىسا مانېۋىرلارنى قايتىدىن باشلىتىلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا بۇ مانېۋىرلار ھەردائىمقىدىكىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتىنىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىنى <يادرو قورالسىزلىنىش جەھەتتە يېتەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنمىغانلىقى> نى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى دىققەتنى تارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر