سۈرىيەلىك خىرىستىيانلار ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

سۈرىيەنىڭ ھاسەكە شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تەرىپىدىن مەكتەپلىرى تاقىۋېتىلگەن خىرىستىيانلار تەشكىلاتقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1039421
سۈرىيەلىك خىرىستىيانلار ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىرىستىيانلار، ي پ گ / پ ك ك ئىشغالى ئاستىدىكى قامىشلى ناھىيەسىگە توپلىنىپ، تەشكىلاتنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىككى مەكتەپنى تاقىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە مەكتەپلەرنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئېتنىك مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى مەركەز قىلغان تېررورلۇق تەلىماتلىرىنى سىڭدۈرمەكتە.

پەرزەنتلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشۋىقاتلىرىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان ئاتا – ئانىلار خۇسۇسىي مەكتەپلەرگە يۈزلەنمەكتە. بىراق، تەشكىلات، بۇ خىل مەكتەپلەرگىمۇ باستۇرۇپ كىرىپ، تەھدىت سالماقتا ۋە تاقىۋېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا.

ي پ گ / پ ك ك، تەلىم – تەربىيەنى تېڭىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، 10 – ئاۋغۇستتا قامىشلىغا قاراشلىق دىرىك ۋە دىربەسىيە بازارلىرىدىكى سۇريانى مەكتەپلىرىنىمۇ تاقىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر