ئىراندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 241 كىشىگە يەتتى
ئىراننىڭ قىرمانشاھ ئۆلكىسىگە قاراشلىق تازەئاباد ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.9 بال تەۋرەش ۋەقەسىدە 2 كىشى ئۆلۈپ، 241 كىشى يارىدار بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 5.9 بال يەر تەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن 8 كېلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىران دۆلەت تېلېۋزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئىران پىرېزىدېنتى بىرىنچى مۇئاۋىنى ئىسھاق جىھانگىرنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالغانلىقى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن جىددىي مۇداخىلە ئىدارىسىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
بۇ دائىرىدە 41 ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ رايوندا خىزمەت باشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
خەۋەردە، يەر تەۋرەشنىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ۋە كۇردىستان ئۆلكىسىدىمۇ ھېس قىلىنغانلىقى، پۇقرالارنىڭ كېچىنى سىرتتا ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەر تەۋرەش ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىمۇ ھېس قىلىندى.
ئىراق بىلەن ئىران چېگراسىدا 2017 – يىلى 12 - نويابىردا يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە ئىراننىڭ قىرمانشاھ ئۆلكىسىدە 620 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە مىڭلىغان كىشى يارىدار بولغان ئىدى.