مېكسىكادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 7 كىشى ئۆلدى

مېكسىكانىڭ جەنۇبىدىكى گۇئېررېرو ئۆلكىسىدە بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 6 پۇقرانى قوشقاندا، جەمئىي 7 كىشى ئۆلدى.

1037449
مېكسىكادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 7 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكانىڭ جەنۇبىدىكى گۇئېررېرو ئۆلكىسى رايونلۇق ئامانلىقنى ساقلاش ئورگىنى باياناتچىسى روبېرتو ئالۋارېز بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئەسكەرلەرگە ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن توقۇنۇنش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

توقۇنۇشنىڭ ئارىسىدا قالغان 6 پۇقرا بىلەن 1 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قۇراللىق گۇرۇپپىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسكەرلەرگە ئوق چىقارغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.

مېكسىكانىڭ گۇئېررېرو ئۆلكىسى دۆلەت مىقياسى بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ئەڭ كۆپ جاي، دەپ بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر