خىتايدا مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ 18 كىشى ئۆلدى

خىتايدا بىر مېھمانخانىغا ئۆت كېتىپ، 18 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1037314
خىتايدا مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ 18 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خىيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خاربىنغا قاراشلىق سوڭبەي رايونىدا 4 قەۋەتلىك بىر مېھمانخانىغا ئۆت كېتىپ، ۋەقەدە 18 كىشى ئۆلگەن ۋە 19 كىشى يارىدار بولغان.

ۋەقەدە 400 كىۋادىرات مېتىرلىق جاينىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى ۋە سەھىيە ئەترىتى قوتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر