خىتاينىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىنى تەيفېڭ بورىنى ۋەيران قىلماقتا

ئاپەتتە يۈز مىڭلىغان گېكتارلىق تېرۇلغۇ يەر ۋە مىڭلىغان ئۆينىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى شۇنداقلا 9 مىليوندىن كۆپرەك خىتاي پۇقرالىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1036582
خىتاينىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىنى تەيفېڭ بورىنى ۋەيران قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىنى ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان ۋەيران قىلىۋاتقان «رۇمبىيا تەيفېڭ بورىنى» يۈزىسىدىن مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپەتلىرىدە، 31 كىشى ئۆلۈپ، 14 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.

خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى بىلەن شەرقىي شىمالىدىكى لىيونىڭ ئۆلكىسىدە تەيفېڭ بورىنىغا ئەگىشىپ كەلگەن شىددەتلىك يامغۇر ۋە سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن 134 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى. 

ئاپەتتە يۈز مىڭلىغان گېكتارلىق تېرۇلغۇ يەر ۋە مىڭلىغان ئۆينىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى شۇنداقلا 9 مىليوندىن كۆپرەك خىتاي پۇقرالىرىغا ئېغىر زىيان يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بەزى رايونلاردا يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە سۇنىڭ مىقدارى 60 سانتىمېتىر يۇقىرى ئۆرلىدى. سەل سۇلىرى سەۋەبىدىن بەزى رايونلاردا ئۆي ۋە ئىدارە ئىشخانىلارنىڭ توكى ئۈزۈلۈپ قالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيفېڭ بورىنى ۋە سۇ ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ 700 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

خىتايدا ياز ئايلىرى «تەيفېڭ بورىنى ئايلىرى» دەپ بىلىنىدۇ.

بۇ يىل «رۇمبىيا تايفېڭ بورىنى»نى قوشقاندا، جەمئىي 18 قېتىم تەيفېڭ بورىنى خاراكتېرلىق بوران ئاپىتى يۈز بەردى.

بولۇپمۇ شەرقىي، شەرقىي شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئاپەت ئېغىر ماددى زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە شەھىرى بولۇپ تونۇلغان شاڭخەيمۇ ئالدىنقى ھەپتە «ياگى تەيفېڭ بورىنى» ئاپىتىگە دۇچ كېلىپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ كېتىلگەن ئىدى.

تەيفېڭ بورىنى يەنە، خىتاينىڭ ھاۋا قاتنىشى، دېڭىز قاتنىشى ۋە قۇرۇغلۇق قاتنىشىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى ھەمدە نۇرغۇن قېتىملىق ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر