رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىنى تەنقىد قىلدى.

1036290
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە سەۋەبسىزلا ئېمبارگو يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۈگۈن 2 رۇسىيە پۇقراسى، 2 رۇسىيە شىركىتى ۋە 6 رۇسىيە بايراقلىق پاراخوتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

«ۋاشىنگىتون يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن رۇسىيەگە ئېمبارگو قويۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى»دېگەن رىيابكوۋ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ شىمالىي كورېيەگە نېفىت مەھسۇلاتلىرى سېتىپ بەرگەنلىكىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى. بۇنداق قىلغانلىقىمىزغا ئىسپات تاپالمايدۇ، بىزگە داۋاملىق تۆھمەت چاپلاپ ئېمبارگو يولغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ «قانچىلىك يامان بولسا شۇنچىلىك ياخشى»دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان رىيابكوۋ، رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر