ئالجىرىيە بىلەن مورىتانىيە ئارىلىقىدىكى بىر چېگرا ئېغىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

ئالجىرىيە بىلەن مورىتانىيەنىڭ ئەز-زۇۋەيرات شەھەرلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ئېغىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

1035357
ئالجىرىيە بىلەن مورىتانىيە ئارىلىقىدىكى بىر چېگرا ئېغىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان تىندۇپ بىلەن مورىتانىيەنىڭ ئەز-زۇۋەيرات شەھەرلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ئېغىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نۇرەددىن بەدەۋى مەغرىب دۆلەتلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى  بىلدۈردى.

بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ چېگرا رايونىدا ئىجرا قىلىنىدىغان لايىھەلەرنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بەدەۋى، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەكسىچە سودا-سانائەت ئۇيۇشملىرى ۋە كارخانچىلارنىڭ رايوننىڭ تەرەققىيات پىلانلىرىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر بەدەۋى مەغرىب دۆلەتلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇش لايىھەسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ھۆكۈمەتنىڭ چېگرا ئېغىزى ئىدارىسىدىن يېڭى ئىقتىسادىي ۋە سودا پىروگراممىسىنىڭ تەدبىق قىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەدەۋى يەنە چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد ۋە ئىنسانىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر