بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەنلەرنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 60 ئەسكەر ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئىزچىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرۇشى سەۋەبلىك چېگراغا يېقىن پاكارايما ناھىيەسىگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.
بىرازىلىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئاگېنىيا بىراسىلنىڭ خەۋىرىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ پاكارايماغا ئەڭ ئاز 60 ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاكارايما ناھىيەسىدە بىر دۇكان ئىگىسىنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ دۇكىنىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىغا قارىتا، خەلق كۆچمەنلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار بۇ قېتىمقى ۋەقەگە 4 كۆچمەننىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمغا ئۇچرىغان نۇرغۇن ۋېنېزۇئېلالىق چېگرادىن ھالقىپ دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
دۇكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشى بالىنسىتقا ئېلىندى.
ۋېنېزۇئېلالىقلار دۆلىتىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبلىك بىرازىلىيەگە كېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
پاكارايماغىلا 50مىڭ كۆچمەننىڭ كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.