مەھمۇد ئابباس يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنىغا قارشى ب د ت دىن قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1035017
مەھمۇد ئابباس يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەدە قانۇنلاشقان يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنىغا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىن قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يولدىن مەقسەتكە يەتمىگۈچە قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمۇد ئابباس پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق پەلەستىن مەركەز كېڭىشىنىڭ 29-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ئامېرىكىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي  قۇرۇلۇشلىرى ۋە  قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچمىگۈچە پەلەستىن بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھېچقانداق سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ھازىرقى ئەھۋال داۋاملاشقان تەقدىردە ئوسلو ئەھدىنامىسىنىڭمۇ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئابباس، ھاماس ھەرىكىتىنى مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغان يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى ئىككى خىل پۇقرالىق ئەندىزىسىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 8 مىليوندىن كۆپ نوپۇسى بولغان ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ %20نى تەشكىل قىلىدىغان ئەرەبلەر ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالىق سالاھيىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ئسىرائىلىيە تەرىپىدىن غەززەگە قاراتقان مۇھاسىرە سىياسىتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى كۆزلىگەن نۇرغۇن پەلەستىنلىك، ئىسرائىلىيە تېڭىپ تۇرۇۋالغان دېڭىز چېگراسىغا قاراپ يولغا چىقتى.

بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان نۇرغۇن پەلەستىنلىك، 40 قېيىق بىلەن غەززەدىكى بېلىقچىلار پورتىدىن ئاق دېڭىزغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرلىرى بۇ ھەرىكەتكە قارىتا،  ئەرەز چېگرا ئېغىزىنى بىمارلار ۋە غەززەگە قايتقۇچىلاردىن باشقىلارغا تاقىۋەتتى.

كۆچمەن يەھۇدىيلارمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېزىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە زىيان سالماقتا.

پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىتى باش كاتىپى ۋە پەلەستىن باش مۇزاكىرىچىسى سايىب ئۇرەيكات، ھاماستىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

«پەلەستىندىكى ھەر قانداق بىر تەشكىلات ھازىرغىچە ئۆز ئالدىغا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ باقمىدى»دېگەن ئۇرەيكات، بۇنداق قىلىشقا پەقەت پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭلا سالاھىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھاماس بىلەن 6 ماددىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر