يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا راكېتامىيوت ئېتىلدى

يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا ئېتىلغان راكېتامىيوت ھاۋادىلا بىتچىت قىلىندى.

1034744
يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا راكېتامىيوت ئېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن زېمىنلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نەجرانغا ئېتىلغان بىر راكېتامىيوت ھاۋادىلا بىتچىت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى س پ ئا نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى باياناتچىسى تۈركى ئەل مالىكى يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلارنىڭ ئامران شەھىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نەجران شەھىرىگە راكېتامىيوت ئاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركى نەجرانغا ئېتىلغان راكېتامىيوتنىڭ ھاۋادىلا خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركى ئىراننى رايون ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە شىئە ھۇسىيلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى يەمەندىكى قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى قوللاش مەقسىتىدە 2015-يىلى 26-مارتتىن باشلاپ شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە ھەرىكەت  قوزغاپ كېلىۋاتقان بولسا، يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا پات پات راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر