بىرما باڭلادېشتىن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى «بىرما پۇقراسى»دەپ ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى

بىرما ھۆكۈمىتى باڭلادېش دائىرلىرىدىن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى «بىرما پۇقراسى»دەپ ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

1034767
بىرما باڭلادېشتىن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى «بىرما پۇقراسى»دەپ ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھۆكۈمىتى باڭلادېش ھاكىمىيىتىدىن ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى «بىرما پۇقراسى»دەپ ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

باڭلادېش مۇساپىرلارغا ياردەم ۋە ئۇل –ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى كومىتېتى ئەزاسى مۇھەممەد ئەبۇل قالام، بىرما دائىرلىرىنىڭ باڭلادېش ھۆكۈمىتىدىن  مۇساپىرلار كىملىكىدە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن «كۆچكە قىستالغان بىرمالىق پۇقرالار»دېگەن ئىبارىنىڭ ئورنىغا «ئاراكان ئۆلكىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر»دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن ھەپتە بىرمانى زىيارەت قىلغان باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇد ئەلى يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەتكە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلەپنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان قالام: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىدە ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ. بىزگە بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بىرەر يوليۇرۇق چۈشمىدى، دېدى.

مىنىستىر ئەلى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ بىرما زىيارىتى بۇلتۇر ئاۋغۇستتا باشلىغان كۆچمەنلەر دولقۇنىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى باڭلادېش ھۆكۈمىتىنىڭ بىرما دائىرلىرىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ھەقلىرى ئىشخانىسى باشلىقى بىل فرېلىك: مۇساپىرلارنىڭ كىملىكىدىكى بىر ئىككى ئىبارىنى ئۆزگەرتىش ئادەتتىكى ئىشتەك بىنلسىمۇ، بىرمادا ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىن قاچقان 700مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن تولىمۇ چوڭ ئىشتۇر، دېدى.

فرېلىك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال بىرمانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىلىرىگە سەۋەب بولغان جىنايەت، باسقۇنچىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قاتارلىق ئېغىر جىنايىى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر