ب د ت بىر تىراگېدىيەگە دىققەت تارتتى

ئۆتكەن يىلى (2017) ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلگەن پارتلىغۇچى ماددىلار سەۋەبلىك 43 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر تۆت قۇرباندىن ئۈچى ئادەتتىكى پۇقرا.

1034227
ب د ت بىر تىراگېدىيەگە دىققەت تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كوردىناتسىيە ئىشخانىسى «19-ئاۋغۇست دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كۈنى» دىن بىر كۈن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۇرۇش رايونلىرىدا 43 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 31 مىڭ 904 نەپىرى پۇقرالار ئىكەن. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىگە قاتناشقان 139 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 102 كىشى يارىلانغان، 72 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتچىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن.

ب د ت ئۇرۇش رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتچىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ياكى مېيىپ قىلىشقا ئوخشاش ۋىجدانسىزلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

باياناتتا يەنە، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە دۆلەت ھالقىغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ، پۇقرالارنى، ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتچىلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر