خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى كورېيەنىڭ ئۇچرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ كېلەركى ئاي پىيوڭياڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1032591
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى كورېيەنىڭ ئۇچرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئىككى كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ كېلەر ئاي (9-ئاي) پىيوڭياڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ پىيوڭياڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، پانمۇنجوم خىتابنامەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى، مۇرەسسە قىلىشنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان پانمۇنجوم يېزىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش رايونىدا 13-ئاۋغۇست (دۈشەنبە) كۆرۈشكەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى، كېلەر ئاي پىيوڭياڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 2018-يىل 27-ئاپرېل كۈنى پانمۇنجوم يېزىسىدىكى بىتەرەپ رايوندا كۆرۈشكەن ئىدى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تولۇق تازىلىنىشى ۋە ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مۇن جائىن بىلەن كىم جوڭئۇن ئاپرېلدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، 26-ماي يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.

سېنتەبىر ئېيىدا ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشقان ئەھۋالدا، بۇ يىل (2018) ئىچىدە ئۈچ قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر