سۈرىيەلىكلەر تۈركىيە ئىقىسادىنى قوللاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن تېررورچىلاردىن تازىلانغان باب ناھىيەسىدە ئاھالىلەر تۈركىيە ئىقتىسادىنى قوللاش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان دوللىرىنى تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇرۇشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلانغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب رايونىدا يەرلىك ئاھالىلەر، ساقلاپ قويغان دوللارلىرىنى تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇرۇپ تۈركىيە ئىقتىسادىنى قوللاش ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈشتى.
باب ناھىيەسىدىكى سۈرىيەلىكلەر تۈركىيە ئىقتىسادىنى قوللاش مەقسىتىدە لوزۇنكىلار ۋە تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تاشقى پىرۇۋۇت دۇكانلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
باب ئاھالىلىرى «تۈرك لىراسىنى قوللاش ۋاجىپتۇر، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قىلمىشى بىلەن غەرىزىگە يېتەلمىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ئۇرۇش بىلەنمۇ غەرىزىگە يېتەلمەيدۇ»دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشتى.
بالا-چاقىلىرى بىلەن نامايىشقا قاتناشقان ئاھالىلەر «تۈركىيە بىلەن سۈرىيە بىردۇر»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.
نامايىشچىلاردىن شەرىف ئابو ئىسىملىك بىر سۈرىيەلىك مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى قوللاش مەقسىتىدە ساقلاپ قويغان دوللىرىمنى تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇردۇم.»
ئابو تۈرك لىراسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىز سۈرىيەلىكلەرنىڭ ماللىرى، جانلىرى ۋە روھلىرى تۈركىيەگە پىدا بولغاي، دېدى.
باب ئاھالىسى بۇ يىل ماي ئېيىدىمۇ«تۈركىيە ۋە تۈرك لىراسىغا ئىگە چىقايلى»دېگەن نام ئاستىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنىدى.
ئەينى ۋاقىتتا تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان سۈرىيەلىكلەر ساقلاپ قويغان دوللارلىرىنى تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇرغانىدى.