خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكانىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا باشلىغان سودا ئىختىلاپلىرى ۋە سودا ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1032324
خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكانىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «خىتاي ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا باشلىغان سودا ئىختىلاپلىرى ۋە سودا ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن قولنى قولغا تۇتۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرپلىمىلىك سودا تۈزۈمىنىڭ، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا، كەڭ دائىرەلىك، تەڭ بەھىرىمان بولىدىغان، تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ۋە تەڭ پايدا ئالىدىغان پىرىنسىپلارغا تايانغان ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى نىشان قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تەرەققىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

كىتابتا، بۇ مەزگىلدە خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلغانلىقى، ئىككى دۆلەت سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ 21.9 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كىتابتا مۇنداق دېيىلدى:

«خىتاينىڭ ئېلېكتىرو مېخانىكىلىق مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمال ماللىرى تۈركىيەدە ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. تۈركىيەنىڭمۇ كانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، نېفىت-خىمىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى خىتايدا قارشى ئېلىنىۋاتىدۇ، سودا لايىھەلىرىمىز ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىز تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.»

تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلەغلىرى مۇقىم ئېشىۋاتقان بولسا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلەغلىرىدىمۇ مۇھىم ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن كىتابتا، شىركەتلەر ۋە سېلىنغان مەبلەغلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

كىتابتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن تۈزۈلۈش يولىنىڭ ئىنتايىن ئەگرى-توقايلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە بېكىنمىچىلىك ئۈستۈنلۈك قازانغان بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئالدىغا باشلىغان سودا ئىخىتىلاپلىرى ۋە سودا ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقى، بەلكى بازارلارنىڭ تەۋرىنىشىگە سەۋەب بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۈزۈلۈش مۇساپىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

كىتابتا يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا، تېخىمۇ كەڭ دائىرەلىك، تەڭ بەھرىمان بولىدىغان ۋە تەڭ پايدا ئالىدىغان پىرىنسىپلارغا تايانغان ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى؛ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە ئىلگىرىلىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق خەلقئارالىق مۇھىتنى بەرپا قىلىشنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر