رۇمىنىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

رۇمىنىيەنىڭ پايتەختىدە ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1031062
رۇمىنىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمىنىيەدە 10-ئاۋغۇستتا باشلىغان چىرىكىلىككە قارشى نامايىشلار ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

پايتەخت بۈكرەشتە «دىياسپورا يىغىلىشى»نامى ئاستىدا جەم بولغان نامايىشچىلار بۈگۈن ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى زەپەر مەيدانى ۋە رومىنىيەنىڭ نۇرغۇن شەھىرىدىكى مەيدانلارغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

نامايىشچىلار «ھۆكۈمەت ئىستېپا بەرسۇن، كەينىمىزگە قايتمايمىز، ئۇلار ھاكىمىيەتتىن چۈشمىگۈچە بىز ئۆيىمىزگە قايتمايمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋلاشتى.

كۆپ قىسمى چەت ئەلدە ياشايدىغان ۋە تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلىتىگە قايتقان رومەنلەردىن تەشكىل تاپقان مىڭلارچە نامايىشچى پايتەخت بۈكرەشتە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەسى بىلەن چىرىكلىك قىلمىشىغا چېتىلغان بەزى سىياسەتچىلەرنىڭمۇ ھۆكۈمەت سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنى تەنقىد قىلىشتى.

نامايىشلارنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇپ ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىلغاندىن كېيىن تەخمىنەن 500 نامايىشچى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى، 5 ژاناداما خادىمىمۇ نامايىشلاردا يارىلانغانلىقتىن بالىنىستقا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر