ئافرىندا يوللارغا «زەيتۇن شېخى» ۋە «ئەردوغان» دېگەندەك ناملار بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەلىرى تەرىپىدىن تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئافرىن ناھىيەسىدىكى بەزى يوللارغا «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ۋە «زەيتۇن شېخى» دېگەندەك ناملار بېرىلدى.

1028994
ئافرىندا يوللارغا «زەيتۇن شېخى» ۋە «ئەردوغان» دېگەندەك ناملار بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىن مەھەللىي مەجلىسى، ناھىيە مەركىزىدىكى ئۈچ يولنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتتى؛ دەمىرجى كاۋا يولىغا «زەيتۇن شېخى»، نەۋرۇز يولىغا «(ئوسمان ئېمپىرىيەسى مەزگىلىدىكى مىسىر ۋە سۈرىيە سۇلتانى) سالاھۇددىن ئەييۇبى» ۋە ھۆكۈمەت بىناسى يولىغا «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» دەپ نام بېرىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، 18 – مارتتا تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغان ئافرىندا مۇقىملىقنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېرىقچىلىق يەرلىرى ۋە يول بويلىرىغا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچلارنى چارلىغۇچى ئاپپاراتلار سايىدا تېپىپ چىقىپ چوۋۇپ تاشلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر