ۋېنېزۇئېلادا ئىككى ئۆكتىچىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقى بىكار قىلىندى

ۋېنېزۇئېلا مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى)، پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇروغا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى، ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۆكتچى پارتىيە رەھبىرى جۇلىئو بورگېس بىلەن پارلامېنت ئەزاسى جۇان رېكۇئېسېنسنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلدى.

1028951
ۋېنېزۇئېلادا ئىككى ئۆكتىچىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى)، پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇروغا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى، ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سابىق پارلامېنت باشلىقى ۋە ئۆكتچى پارتىيە رەھبىرى جۇلىئو بورگېس بىلەن ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى جۇان رېكۇئېسېنسنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاشتا، كولومبىيە ياشاۋاتقان بورگېس بىلەن نۆۋەتتە نازارەت ئاستىدا يېتىۋاتقان رېكۇئېسېنسنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن بىكار قىلىندى.

پارلامېنت باشلىقى دىئوسدادو كابېللو، بورگېس ۋە رېكۇئېسېنسنىڭ سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ كىشىلەر سۇيىقەست قىلىش قىلمىشىغا ئارىلاشتى، دەپ قارىلىۋاتقان پەقەت ئىككىلا كىشى، بىراق تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئادالەت ئورنىنى تاپىدۇ» دېدى.

باش مۇپەتتىش تارىق ۋىليام سائاب، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋەقەگە 19 كىشىنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر