موڭغۇلىيەدىكى سۇ ئاپىتى كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

موڭغۇلىيەدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەب بولغان سۇ ئاپەتلىرىدە 63 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1028980
موڭغۇلىيەدىكى سۇ ئاپىتى كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، دۆلەتلىك جىددىي ھالەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا موڭغۇلىيەدىكى شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، مەڭغۇلىيە مىقياسىدا 2018يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە 15 كىچىك بىلىنى قوشقاندا، جەمئىي 63 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مەسئۇللىرى ئالدىنقى ئاي موڭغۇلىيەگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر