ئىران ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ يولغا قويۇش ئىمكانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف يادرو كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىشتا، يەنە بىر تەرەپتىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بولغان گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ كۈتكەن يېرىدە بولمىسىمۇ، ئەمما توغرا يولدا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1028475
ئىران ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ يولغا قويۇش ئىمكانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەۋاد زارىف ئىراندىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نوپۇزلۇق «ئىران گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يادرو كېلىشىمىدە يەنە بىر تەرەپ بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ «ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا قارىماستىن ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى» دېدى.

ئۇ ياۋروپانىڭ ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا قارىماستىن ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ ياۋروپا بانكىلىرى بىلەن رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپانىڭ ئېمبارگولارغا قارشى چىقىشى ئامېرىكانى يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلدى.»

ئۇ «ئامېرىكانىڭ 5-نويابىر ئىران نېفىتىغا ئېمبارگو قويۇپ، نېفىت ئېكسپورتىنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا:

«ئامېرىكالىقلار بۇ خىل ئەمەلىيەتتىن يىراق ۋە ئىمكانى بولمىغان خىياللىرىنى ئەقلىدە تۇتۇشنى خالىسا، جەزمەن بۇنىڭ نەتىجىلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇشى كېرەك. <ئىران نېفىت ئېكسپورت قىلالمىسا، باشقىلىرى ئېكسپورت قىلىدۇ> دېگەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىران يادرو كېلىشىمى (Joint Comprehensive Plan of Action JCPOA) 20 ئاي داۋاملاشقان مۇزاكىرەلەر نەتىجىسىدە 2015-يىلى 14-ئىيۇل ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىدى. كېلىشىم، تېھراننىڭ يادرو پىروەراممىسىدىن ۋاز كېچىشى بەدىلىگە، ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەكلىپ قىلاتتى.

 2016-يىلى 16-يانۋار يولغا قويۇلغان «كەڭ دائىرەلىك بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش پىلانى» (KOEP) دەپ ئاتالغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئىرانغا قارشى ئېمبارگولارنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىرانغا قارشى ئېمبارگولارنىڭ 90 ۋە 180 كۈنلۈك ئىككى باسقۇچ بويىچە قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر