ئىمران خاننىڭ باش مىنىستىر بولۇشى قىيىنلاشتى

پاكىستاندا 25-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان سايلام كومىتېتى، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى (PTI) نىڭ رەھبىرى ئىمران خان قولغا كەلتۈرگەن بەش رايوننىڭ ئىككىسىدە سايلام نەتىجىسىنى ساقلاش قارارىنى چىقاردى.

1028031
ئىمران خاننىڭ باش مىنىستىر بولۇشى قىيىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان سايلام كومىتېتى 262 سايلام رايونىدىن پارلامېنتقا كىرىدىغان نامزاتلارنى ئېلان قىلدى. بىراق، 16 رايوندا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەتىجىنى ساقلاش قارارى چىقىرىلدى.

ئىمران خان نامزات كۆرسىتىلگەن بەش رايوننىڭ ئىككىسى بولغان ئىسلامئاباد ۋە لاھوردىن قولغا كېلىدىغان پارلامېنتتىكى ئىككى ئورۇننىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغان سايلام كومىتېتى، بۇنىڭغا، ئىمران خاننىڭ سايلام كۈنى تاراتقۇلارنىڭ كامېرالىرى ئالدىدا بېلەت تاشلىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بەش رايوندا غەلىبە قىلىپ، چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىمران خاننىڭ باشقا ئۈچ رايوندىكى نەتىجىلىرى، ئاۋاز تاشلاشتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن قانۇنسىزلىقلار تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، نەتىجىنى ئۆزگەرتىش شەرتى بىلەن ئېلان قىلىندى.

ئىمران خان سايلام كۈنى ئىسلامئابادتىكى ئاۋاز بېرىش مەركىزىگە تاراتقۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بارغان بولۇپ، مەخپىي تاشلىشى كېرەك بولغان ئاۋازىنى تاراتقۇلارنىڭ كامېرالىرى ئالدىدا تاشلىغان ئىدى. سايلامغا كىرگەن بەش رايوندا ئۇتۇپ چىققان ئىمران خان پارلامېنتتا قايسى رايونغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، باشقا تۆت رايوندا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. پارلامېنتتىكى ئورنىدا ئازىيىش كۆرۈلگەن پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى ئۆتكەن ھەپتە ئىمران خاننى باش مىنىستىر نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە شۇ كۈنكى پارلامېنت سايلام قانۇنىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن 172 ئورۇندىن ئىككى ئورۇننى كۆپ قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق، پاكىستان سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتى نەتىجىسىدە باش مىنىستىر سايلاملىرىغا پارلامېنتتىكى ئازايغان سانى بىلەن ئىشتىراك قىلغان پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتىنى سايلىشى قىيىنلاشتى.

پارلامېنتتا ئاياللار ۋە دىنىي ئاز سانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلغان 70 ئورۇننىڭ پارتىيەلەر ئارىسىدا ھازىرغىچە تارقىتىلماسلىقى سەۋەبىدىن، پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى سانى ئېنىق ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر