ئەردوغان گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 28-، 29 – سېنتەبىر كۈنلىرى گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولىدۇ.

1027800
ئەردوغان گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 28-، 29 – سېنتەبىر كۈنلىرى گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېېر ستېئىنمېئېر تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋېلىنىدىغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، زىيارىتى جەريانىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئىككى تەرەپ يېقىن ھەمكارلاشقان ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ستېئىنمېئېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەردوغاننى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، زىيارەتنىڭ ۋاقتى مۇئەييەنلەشمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر