«بۈيۈك بىرېتانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ»

ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ بۈيۈك بىرېتانىيەنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1027955
«بۈيۈك بىرېتانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋىن ۋىللىيامسون ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە «بىرېتانىيەنىڭ قايتىشىنىڭ»باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەركىزى ۋاشىنگىتوندا بولغان ئاتلانتىك كېڭىشىدە سۆز قىلغان ۋىللىيامسون، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ئەنگلىيەگە دۇنيادىكى نوپۇزى ۋە ئورنىنى قايتىدىن تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: بەزى ساھەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى چەكلەپ قوياتتى، ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىمىزغا توسالغۇ بولاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئالدىمىزغا ھەرىكەت قىلالايمىز، دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ياۋروپادا مۇداپىئە ساھەسىدە بەزى ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن گاۋىن ۋىللىيامسون، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مىنىستىر گاۋىن «ئەنگلىيەنى قەتئىي كىچىك كۆرمەڭلار»دېيىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ لوندون ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى پىلانىنى تەنقىد قىلىشىغا ۋاستىلىك ھالدا جاۋاب قايتۇردى.

ئەنگلىيەنىڭ بەھرەيىندىن ھىندى ئوكياندىكى ئەنگلىيە ئاراللىرىغىچە، قىبرىستىن ئېستونىيەگىچە بولۇپ نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا ئەسكەرلىرى بارلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر گاۋىن: دۇنيادا بىر ئىش يۈز بەرسە دەرھال بىر تەرەپ قىلالايدىغان كۈچىمىز بار، دېدى.

مىنىستىر گاۋىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۈيۈك بىرېتانىيە خانلىقى ھەر ئىشقا ھەر زامان تەيياردۇر، بىز ئەمەلىي ئىش قىلىشقا، باشقا تەدبىرلەر ئۈنۈم بەرمىگەندە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە، ئۆزگىلەر بارالمىغان ياكى بېرىشنى خالىمىغان جايلاردا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشقا تەييارمىز.»

مىنىستىر گاۋىن يەنە ئەنگلىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئامېرىكىنى مۇداپىئە تېخنىكىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونى كۆزگە ئىلماي كېلىشىگە ۋاستىلىك ھالدا جاۋاب قايتۇرغان مىنىستىر گاۋىن: ناتودىن ياۋروپا دۆلەتلىرىلا پايدىلانمايدۇ، ناتونىڭ بەشىنچى ماددىسى تۇنجى قېتىم 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئاۋازاغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. ئامېرىكىغىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە باشقا ناتو ئەزالىرى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇردى، دېدى.

دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ناتونىڭ كارغا كەلمەس بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ناتو ئەزالىرىنى ناتونىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى ئۈچۈن ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %2نى ئاجراتماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىپ كەلدى.

دونالد ترامپ يەنە ناتو ئەزالىرى ۋەدىلىرىدە تۇرمىغان تەقدىردە ياۋروپانى قوغدىمايدىغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر