ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە يۈزلەرچە يېڭى ئەسكەر قوشۇلدى

سۈرىيەدىكى تۈركىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا مۇنتىزم ئارمىيەگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى بېسىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە 1200 يېڭى ئەسكەر قوشۇلدى.

1027567
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە يۈزلەرچە يېڭى ئەسكەر قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلبابتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قېتىلغان يېڭى ئەسكەرلەر ماھارەت كۆرسىتىپ ھەممىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئەسكەرلىرى، 4 ئايلىق مەشىق باسقۇچى بويىچە بەرداشلىق بېرىش سىناقلىرىدىن ئۆتتى، قورال ئىشلىتىشنى ئۆگەندى، يېقىن ئارىلىق موشتلىشىش بويىچە تەلىم ئالدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى مۇنتىزم ئارمىيە بولۇش يولىدا يەنە بىر مۇھىم ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولدى، ئومۇمىي ئەسكەر سانى 51 مىڭدىن ئاشتى. دىۋىزىيە قوماندانى سەيف ئەبۇ بەكىر بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «تېخىمۇ مۇنتىزم بىر ئارمىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشقا تىرىشىمىز. بۇ جەھەتتە تۈركىيە بىزگە كاتتا ياردەم قىلدى. تۈركىيەگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ ئەسكەرلەر رايوننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بەل قويۇۋەتمەستىن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق شارائىتقا لايىق قىلىپ تەربىيەلەندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر