رۇھانى ترامپنىڭ «سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، يادرو كېلىشىمىگە قايتقان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1027434
رۇھانى ترامپنىڭ «سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن رۇھانى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلغان بىر پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىنقى شەرتسىز كۆرۈشۈش تەكلىپىنىڭ ئالدىمىزدىكى سايلاملاردا ئامېرىكا خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئىراندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىشنىڭ مەنىسى يوق. سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شەرتىمىز قارشى تەرەپنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلىشى ۋە يادرو كېلىشىمىدىكى ۋەدىلىرىگە قايتىشىدۇر. بىزنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرتىمىز يوق» دېدى.

ئىراننىڭ ھەردائىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ مىسالىنىڭ يادرو كېلىشىمىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، «سۆھبەتنىڭ ئاساسىي ساداقەتتۇر، ئۈستەلدىن قوپۇپ كېتىپ ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بىرى بىلەن قانداق سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز» دەپ سورىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «مېنىڭچە ئامېرىكىلىقلار ئىران خەلقنىڭ ئۆز دۆلەتلىرى توغرىسىدا ئىككىلىنىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش كويىدا» دېدى.

رۇھانى، ئىراننىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىغا قارشى يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە كېلىشىمگە تەرەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىمگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «ياۋروپالىق شېرىكلىرىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەر قوللىرىدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلدى، بىراق بىز كونكېرت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى، ئامېرىكىنىڭ بۈگۈن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئېمبارگوسى توغرىسىدا توختىلىپ، «ھەقىقىي ئېمبارگولار ئۈچ ئايدىن كېيىن باشلىنىدۇ. ياۋروپا، خىتاي ۋە رۇسىيە بىزگە ئالدىمىزدىكى ئېمبارگولارغا قارشى چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ ئەھۋالدا، ئاسىيا دۆلەتلىرى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، بىراق ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى گۈللەندۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىدا بىر توسالغۇ يوق» دېدى.

ئىراننىڭ پۇل بىرلىكى، ئېمبارگو خەۋەرلىرى تارقىلىشقا باشلىغان ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان %50 قىممىتىنى يوقىتىپ قويدى. دوللار باھاسى بۇ مەزگىلدە 42 مىڭ رىيالدا مۇقىملاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، قاراڭغۇ بازاردا دوللار 100 مىڭ رىيالدىن ئېشىپ كەتتى. تاشقى پېرېۋوتتىكى ئېشىش ئىران خەلقىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاجىزلاتتى، ئىشسىزلىق ئېغىرلاشتى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق نامايىشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.

ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى 20 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، 2015 – يىلى ئىيۇلدا ئۈستەلنىڭ بىر تەرىپىدە ئىران، يەنە بىر تەرىپىدە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئولتۇرغان ھالدا ئىمزالانغانىدى.

كېلىشىم، تېھراننىڭ يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشى بەدىلىگە بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلاتتى. بىراق، ماي ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىرانغا ئېمبارگولارنىڭ 90 ۋە 180 كۈنلۈك ئىككى باسقۇچ بويىچە قايتىدىن يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر