ب د ت يادرو كېلىشىمىنى قوللايدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي بەش ئەزاسى بىلەن ئىران ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1027021
ب د  ت يادرو كېلىشىمىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق، ب د ت نىڭ ئىران بىلەن 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

فەرھان ھەق كۈندىلىك ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن، بۈگۈن يولغا قويۇلۇشقا باشلىنىدىغان ئېمبارگولار توغرىسىدا توختالدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ «كەڭ دائىرلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى»دېگەن نام بىلەن ئاتالغان يادرو كېلىشىمىنىڭ دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى دېگەنلىكىنى ئېيتقان فەرھان ھەق: ب د ت يادرو كېلىشىمىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە باش كاتىپىمىز بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى بۇ كېلىشىمنى قوللاشقا چاقىرىدۇ، دېدى.

ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى 20 ئايلىق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، 2015-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىمزالاندى.

مەزكۇر كېلىشىم تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو پىروگراممىسىغا خاتىمە بېرىش بەدىلىگە، ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلاتتى.

لېكىن بۇ يىل ماي ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىرانغا ئىككى باسقۇچلۇق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

بىرىنچى باسقۇچلۇق ئېمبارگو بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر