رىياد تېھرانغا يېشىل چىراغ ياقتى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىرانغا دىپلوماتىك ئىشخانا ئېچىش ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى.

1026739
رىياد تېھرانغا يېشىل چىراغ ياقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ئىرانلىق بىر دىپلوماتقا ۋىزا بېرىشنى قوبۇل قىلدى.

دىپلوماتنىڭ ئىشخانىسى 2017 – يىلى ئىمزالانغان بىر كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى جىددەدىكى شىۋېيتسارىيەگە تەۋە دىپلوماتىك بىنا ئىچىگە ئېچىلىدۇ.

ئىرنا، مەزكۇر دىپلوماتنىڭ نۆۋەتتە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەمەن ۋە ئومان ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ئالىباك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «مەسىلىدىن خەۋەردار بىر دىپلوماتىك مەنبە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراننىڭ دىپلوماتىك مەنپەئەتلىرى بۆلۈمى مەسئۇلىغا ۋىزا بېرىشنى قوبۇل قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋالغا تېھران – رىياد لىنىيەسىدىكى ئىجابىي قەدەم، دەپ باھا بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمىنىڭ مىنىستىرلىقنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبىتىدە، «بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى چاغقىچە بىز ئۇزۇن مۇددەت ئىلگىرى سۇنغان كىشلەرگە ۋىزا بېرىلمىدى. لېكىن، يېقىنقى بىر – ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئىلگىرىلەش كۆرۈلدى. مېنىڭچە مەنپەئەتلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئىشخانىسى ئېچىلىدىغانلىقىغا دائىر ئىشارەتلەر بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىرچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

2016 – يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىرانلىق شىئە دىنىي زات شەيخ نىمىر ئەننىمرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلىشىدىن كېيىن بۇزۇلغان؛ ئارقىدىن بىر تۈركۈم نامايىشچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن رىياد ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۈزگەنىدى.

يەمەندىكى كىرىزىستا ئىراننىڭ شىئە ھۇسىيلارنى قوللىشى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولسا، ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە باشلامچىلىق قىلىشى، يېقىنقى مەزگىللەردە رىياد – تېھران لىنىيەسىدىكى سوغۇقچىلىقنى ئۇلغايتىۋەتكەن ئىككىنچى بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ماي ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن 3 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ، تېھرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى رىياد دائىرىلىرى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر