مۇقدىشودا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودىكى بىر ئاشخانىدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1026488
مۇقدىشودا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇقدىشو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سالىھ ھەسەن ئۆمەر، مەككە ئەلمۇكەررەمە يولىدىكى بىر خەلق ئاشخانىسىدا خېرىدارلار زىچ مەزگىلدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ 9 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

سومالىنىڭ جەنۇبىدا تۈنۈگۈن ھەربىي ئاپتوموبىللار ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 3 ئادەم ئۆلگەن، كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر