باڭلادېشتا ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جېدەل چىقتى

باڭلادېشتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

1026011
باڭلادېشتا ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جېدەل چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا ساقچىلار پايتەخت داككادا 2 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن نەتىجىلەنگەن قاتناش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن يۈزلەرچە ئوقۇغۇچىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە توك كالتىكى ئىشلەتتى.

داككا تىربۇن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ داككاغا يىغىلغان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە توك كالتىكى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە ئەڭ ئاز 26 نامايىشچى  يارىلانغان.

ئوقۇغۇچىلارمۇ ساقچىلارغا تاش ۋە تاياق-توقماقلار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن.  

نامايىشلاردا يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلدى.

نامايىشلار سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى مۇلازىمەتتىن توختىتىپ قويۇلدى.

داككانىڭ كۇرمىتولا رايونىدا ھەپتە ئاخىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ھەيدەلگەن بىر ئاپتۇبۇس مەكتەپتىن يېنىپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا كىردى، نەتىجىدە 2 ئوقۇغۇچى قازا قىلىپ 7 ئوقۇغۇچى يارىلاندى.

ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ قاتناش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تەلەپ قىلغان مىڭلارچە نامايىشچى، داككادا يوللارنى قاتناشقا توستى.  

باڭلادېش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەسادۇززامان خان، ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشنى توختىتىشقا چاقىرىپ تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندىلىدىغانلىقىنى، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بولسا جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر