خىتايدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 6 كىشى قازا قىلدى.

1025730
خىتايدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى 15 ۋىلايەت ۋە ناھىيەدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 6 كىشى قازا قىلغان، 226 مىڭ كىشى زىيانغا ئۇچرىغان، 756 كىشى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇغان، 12 مىڭ گېكتارلىق يېزا ئىگىلىك ساھەسى، 1686 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان، 228 مىليون يۈەنلىك (33 مىليون دوللارلىق) ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.

يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قارا يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن ئۇدا 4 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆلكىلىك كومىتېت يەرلىك خەلقنىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ غەربىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن. يەرنىڭ تېگىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر