ئافغانىستاندا ئۈچ چەت ئەللىك ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان چەت ئەللىك ئۈچ كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

1024768
ئافغانىستاندا ئۈچ چەت ئەللىك ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ناسرات راھىمى، ئۆلتۈرۈلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ ھىندىستان، مالايشىيا ۋە ماكېدونىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ھاشمەت ستانىكزەيمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ كابۇلنىڭ مۇساھى رايونىدىن كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سنانىكزەي، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر