«يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئىسرائىلىيەلىك دۇرزىلەر، «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەربىيلىكتىن ئىستېپا بېرىشكە باشلىدى.

1023558
«يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە دۆلەتكە بولغان ساداقىتى ۋە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلىش بىلەن تونۇلغان نادىر ئاز سانلىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان دۇرزىلەر، «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەربىيلىكتىن ئىستېپا بېرىشكە باشلىدى.

ئىسرائىلىيەلىك دۇرزى يۈز بېشى ئامىر جمال يەكشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى فەيسبۇكتىكى ئادرېسى ئارقىلىق باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئامىر جمال مەكتۇپىدا «بۈگۈن ئەتىگەن تۇردۇم، قارارگاھقا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋېتىپ ئۆزۈمدىن <ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە نېمىشقا خىزمەت قىلىمەن؟ دادام، ئىككى ئوغۇل قېرىندىشىم ۋە مەن ئۆزىمىزنى پىدا قىلىپ، ۋەزىپە ئېڭى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن خىزمەت قىلىپ، نەتىجىدە نېمىگە ئېرىشتۇق؟> دەپ سورىدىم. ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالىق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

باشقا دۇرزى قوماندانلارمۇ «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

نارازىلىقلار باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گادى ئېسېنكوت، ئەسكەرلەرنىڭ دەتالاشلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى ئارمىيە سېپىگە سۆرەپ كىرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە پۈتكۈل دۇنيا يەھۇدىيلىرىنىڭ ۋەكىلى ئېتنىك – دىنىي بىر دۆلەت، دەپ ئېنىقلىما بەرگەن «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» ئۆتكەن ئاي پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر