ئامېرىكا ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتېر بىلەن قورال ياساشقا دائىر ماتېرىياللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) پىرىنتېر بىلەن قورال ياساشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ماتېرىياللارنىڭ تور دۇنياسىدا تارقىلىشىنى مەنئى قىلدى.

1023770
ئامېرىكا ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتېر بىلەن قورال ياساشقا دائىر ماتېرىياللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېئاتىلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، سىزما ماتېرىياللارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تور دۇنياسىدا تارقىتىلىشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلدى.

ترامپ دائىرىلىرى بىلەن تېكساستىكى بىر قورال شىركىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ماتېرىياللارنىڭ ئېلان قىلىنىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ماتېرىياللار بۈگۈن ئىنتېرنېتتە تارقىتىلاتتى. بىراق، 8 ئىشتات مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قورال بەلگىلىمىلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇندى. سېئاتىلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ، ئەرزدارلارنىڭ شىكايەتلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىگە، ماتېرىياللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەشكە ھۆكۈم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر