گېرمانىيە ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ «دۈشمەن» تىزىملىكلىرى

گېرمانىيە ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ مىڭلارچە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دۈشمەنلەر تىزىملىكلىرى» نى تۇرغۇزغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1023768
گېرمانىيە ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ «دۈشمەن» تىزىملىكلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زوراۋانلىققا مايىل ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارنىڭ «دۈشمەنلەر تىزىملىكلىرى» گە، تېلېفون نومۇرلىرى ۋە ئادرېسلىرى بىلەن بىرلىكتە 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كىرگۈزۈلگەن.

« DW» نىڭ گېرمانىيەدىكى بەزى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سول پارتىيەنىڭ سوئاللىرىغا  بەرگەن جاۋابلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ساقچىلىرى 2011  - يىلدىن بۇيان  ئاشقۇن ئوڭچىل  سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا 10  مىڭ كىشىلىك «دۈشمەنلەر تىزىملىكلىرى» نى قولغا چۈشۈرگەن، بولۇپمۇ «نوردكرېئۇز» ناملىق ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپپىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن تىزىملىكنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئاشقۇن ئوڭچىل تېررور گۇماندارى، گېرمانىيە ئارمىيەسى مەنسۇبى فرانكو ئا ۋە ئۇنىڭ ئىككى جىنايەت شېرىكىنى تەكشۈرۈش جەريانىدىمۇ 32 كىشىلىك «دۈشمەن تىزىملىكى» قولغا چۈشۈرۈلگەن.

جەمئىي 25 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق كىشىنىڭ «دۈشمەنلەر تىزىملىكلىرى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان. بىراق ئۆلكە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەشكىلاتلىرى يۇقىرىغا 2017 – يىلى پەقەت ئۈچ كىشىنىڭلا «دۈشمەنلەر تىزىملىكلىرى»  گە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات يوللىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر