سوچىدا داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەگە ئالاقىدار يىغىندا قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە تېمىلىق 10 – نۆۋەتلىك كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئەسناسىدا قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى.

1022916
سوچىدا داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەگە ئالاقىدار يىغىندا قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە تېمىلىق 10 – نۆۋەتلىك كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى جەريانىدا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران، ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتچىلەرنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلار ئارىسىدىكى ئاز ساندىكى كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا كېلىشتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئاستانا كېلىشىملىرى دائىرىسىدە تەشكىل قىلىنغان «تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ تۈنۈگۈنكى تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران «سىناق لايىھە» ناملىق بىر كېلىشىم ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان؛ تەرەپلەر، ھاكىمىيەت ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ئاز ساندا تۇتقۇننىڭ ئۆزئارا قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كېلىشكەن.

ئىشەنچ كۈچەيتكۈچى تەدبىرلەر دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ قانچە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، قايسى جايلاردىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى تېخى قارار قىلىنمىدى.

بۇ جەرياندا، كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئاساسىي يىغىنىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ تەرەپ ئايرىم سۆھبەتلىرىمۇ ئاخىرلاشتى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى، قاماقتىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى خىزمەتلىرى شەكىللەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى يىغىننىڭ ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دې مىستۇرانىڭ، ئۈچ كاپالەتچى دۆلەت بىلەن ئاساسىي قانۇن كومىتېتى توغرىسىدا ئۆتكۈزىدىغان غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى بىلەن باشلىنىشى پىلانلانماقتا.

بارلىق تەرەپلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ئاساسىي يىغىننىڭ بۈگۈن كەچتە چاقىرىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر