ترامپ يەنە تەھدىت سالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دېموكرات پارتىيە كۆچ قانۇنىنى قوللىمىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن چېگراغا تام سېلىشقا پۇل ئاجرىتالمىغان تەقدىردە، ھۆكۈمەتنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

1022480
ترامپ يەنە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تۋىتتېردا ھۆكۈمەتنى تاقايدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىپ بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: "دېموكراتلار چېگرا تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاۋاز بەرمىسە، ھۆكۈمەتنى تاقاشنى خالايمەن. يېشىل كارت لاتارىيەسى، تۇتۇش ۋە ئەركىن قويۇۋېتىش قاتارلىق ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ، لاياقەتنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. دۆلىتىمىزگە قالتىس ئىنسانلارنىڭ كېلىشىگە ئېھتىياجىمىز بار" دېدى.

رويتېرس ۋە ئىپسوسنىڭ مۇشۇ ئاي ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرى كۆچ توغرىسىدا پارتىيەلەرنىڭ ئاۋاز نىسبىتى بويىچە بۆلۈنگەن ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %81 ى ترامپنى قوللايدىكەن.

ترامپ ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا تام سېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك خامچوتقا ئېرىشىش مەقسىتىدە، 2017-يىلى ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ، بىر قانچە قېتىم ھۆكۈمەتنى تاقاش بىلەن تەھدىت سالدى. ترامپ تام سېلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىۋاتقان خىراجەت 25 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى جۇمھۇرىيەتچى رون جونسون CBS تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ: "بۇنى پايدىلىق دەپ ئويلىمايمەن، بۇ سەۋەبتىن بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشايلى" دېدى.

فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىراجەتلىرى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بۇ يىل ئىچىدە دۆلەت خىزمەتلىرىگە ئىككى قېتىم پۇل ئاجرىتىشنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. بىرىنچى قېتىملىقى 2018-يىل يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە، ئىككىنچى قېتىملىقى فېۋرال ئېيىدا بىر قانچە سائەتلىك ئۈچۈن يۈز بەردى.

ئامېرىكا كونگرەسى ھۆكۈمەتكە 30-سېنتەبىرگىچە پۇل ئاجرىتىش ئۈچۈن خىراجەت تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېلىشىشكە مەجبۇر.

جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەم كېڭەش پالاتاسى ھەمدە ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلسىمۇ، ئەمما پارتىيەدىكى مۆتىدىللەر ۋە كونسېرۋاتىپلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك، تېز سۈرئەتتە قانۇن چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر