كامېروندا قوراللىق كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن 163 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

كامېروننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىنگىلىز تىلى ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە رايونىدا تۈرمىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم جەريانىدا/ 163 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.

1022059
كامېروندا قوراللىق كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن 163 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېروندا بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر تۈنۈگۈن كەچتە بامېندا رايونىغا قاراشلىق نىدوپ شەھىرىدىكى تۈرمىگە ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇم جەريانىدىكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 163 مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى.

نىدوپ ۋالىيسى ۋىليام بېنوت ئېكۋۇت مىبىتا بىر يەرلىك رادىيوغا بەرگەن باياناتىدا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئوڭ - سول قالايمىغان ئوق چىقىرىپ تۈرمىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

مىبىتا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ تۈرمىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، قاماقخانىلارنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىۋەتكەنلىكىنى، ئاندىن تۈرمە بىناسىغا بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 50 كىشى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىبىتا، قېچىپ كەتكەن 163 مەھبۇسنى تېپىش ئۈچۈن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر