«ئەركىنلىك» ناملىق پاراخوتتىكى پائالىيەتچىلەرنى قوغداش تەلەپ قىلىندى

نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن بۇ يىل ماي ئېيىدا يولغا چىققان «ئەركىنلىك»ناملىق پاراخوت ئەترىتىگە قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنى قوغداشقا چاقىرىلدى.

1021544
«ئەركىنلىك» ناملىق پاراخوتتىكى پائالىيەتچىلەرنى قوغداش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن بۇ يىل ماي ئېيىدا يولغا چىقىپ بۈگۈن ئەتىگەندە غەززەگە يېتىپ كېلىشى كۈتۈلىۋاتقان «ئەركىنلىك»ناملىق پاراخوت ئەترىتىگە قاتناشقان پائالىيەتچىلەر ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

غەززەدە مۇھاسىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە غەززەنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش مەملىكەتلىك ھەرىكىتى باياناتچىسى ئەبۇ سەلىمە، غەززەدە  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: «ئىشغالىيەت كۈچلىرىنى غەززە مۇھاسىرىسىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن نورۋېگىيەدىن يولغا چىققان ئەركىنلىك ناملىق پاراخوت ئەترىتىگە توسالغۇ بولماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز.»

خەلقئارا جەمئىيەتنى بۈگۈن ئەتىگەندە غەززەگە يېتىپ كېلىشى كۈتۈلىۋاتقان «ئەركىنلىك»ناملىق پاراخوت ئەترىتىگە قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنى قوغداشقا چاقىرغان ئەبۇ سەلىمە: 15 دۆلەتتىن 36 پائالىيەتچى قاتناشقان ئەترەتنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارمىز، دېدى.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 2006-يىلدىن بۇيان غەززەگە يۈرگۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئېمبارگولارنى بىتچىت قىلىش مەقسىتىدە 15-مايدا نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن يولغا چىققان «ئەركىنلىك»ناملىق پاراخوتتىكى پائالىيەتچىلەر، ھەر بارغان پورتلاردا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە مۇھاسىرىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

«ئەركىنلىك»ناملىق پاراخوت ئەترىتى خەلقئارادا غەززە مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ۋە جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر