بۇ يىلقى ھەج شوئارى «دۇنيا خانلىقنىڭ قەلبىدە»بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان مېدىيا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى ھەج شوئارىنىڭ «دۇنيا خانلىقنىڭ قەلبىدە» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1021586
بۇ يىلقى ھەج شوئارى «دۇنيا خانلىقنىڭ قەلبىدە»بولدى
kabe-hac logo.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مېدىيا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى ھەج شوئارىنى «دۇنيا خانلىقنىڭ قەلبىدە»دەپ بېكىتتى.

مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي باياناتچىسى ئابدۇللاھ بىن ئەھمەد ئەل مەغلۇس، مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي تور بېتىدە شوئار ئۈچۈن لايىھلەنگەن بەلگىنىڭ ھەج مەزگىلدە ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەر ۋە  تارىخىي يادىكارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 8 ئامىلدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى لايىھەنىڭ مېدىيا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھەج ئىشلىرىنى پىلانلاش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەغلۇس، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر خىزمەت ئەترىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بەلگىدە ھەجكە مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يېڭى بەلگىدىكى 8 ئامىل كەبە، تاۋاپ، ھەج، قىبلە، مەككە سائەت مۇنارى، مەككىنىڭ مەركىزى ئورنى، سىمسىز ئىنتېرنېت ۋە پالمىيە يوپۇرماقلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

بەلگىدە كەبە كۋادرات  شەكلىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كەبەنىڭ ئەتراپىدىكى سىزىقلار بولسا «تاۋاپ»قا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بەلگىدە «ھەج»كەلىمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەرەبچە « ح » ۋە «ج» ھەرپلىرىمۇ دائىرىلىك سىزىقلار بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا، ئەرەبچە «ج»ھەرپىنىڭ چىكىتىنى كەبە تەشكىل قىلىدۇ.

كومپاس شەكلىدە كۆرسىتىلگەن «قىبلە»نىڭ مەركىزىگە كەبە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بەلگىدە مەككىدىكى سائەت مۇنارى ۋە مەككىنىڭ مەركىزى ئورنىنى كۆرسىتىدىغان دۇنيا خەرىتىسى بار.

سىمسىز ئىنتېرنېت دۇنيادىكى ھەر قايسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەككەدە كۈتۈۋېلىنىشىغا، پالما يوپۇرماقلىرى بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ يىل 3 مىليون 500مىڭ ھاجىنى كۈتۈۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ: #كەبە , #ھەج , #مەككە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر