تۈركىيە: مورو مۇسۇلمانلىرىغا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بېرىلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتېنىڭ مورو مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بېرىلىشى نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1021403
تۈركىيە: مورو مۇسۇلمانلىرىغا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بېرىلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «مۇسۇلمان مىنداناۋدا باڭسامورو ئاپتونوم رايونى» نامى ئاستىدا يېڭى بىر سىياسىي رايون تەشكىل قىلىنىشى مەقسىتىدە قانۇن چىقارغان فىلىپپىن ھۆكۈمىتى، مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسى ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ سايىسىدا تىنچلىق مۇساپىسىدا ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل قىلىندى. باڭسامورودا ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يولىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ قانۇن تەكلىپى، زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىگە قارشى  كۈرەش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باڭسامورو خەلقىگىمۇ تېخىمۇ ياخشى بىر كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرماقتا. تۈركىيە ئالدىمىزدىكى باسقۇچتىمۇ تىنچلىق مۇساپىسىدىن سىرت يەنە، رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې مورو مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بېرىلىشى نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى تۈنۈگۈن ماقۇللىغان بولۇپ، قانۇن تەكلىپىنىڭ قانۇنلىشىشى ئۈچۈن،  ئەڭ بالدۇر بولغاندا 90 كۈچ ئىچىدە، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 150 كۈن ئىچىدە مورولۇقلار ياشاۋاتقان رايوندا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر