كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى باياننامىسى
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جڭوھانېسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك بىرازىلىيە – رۇسىيە – ھىندىستان – خىتاي – جەنۇبىي ئافرىقا (كېسەك ئالتۇن) دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى باياننامىسى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياننامىدە، ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوللاش ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوللايمىز ھەم قايتىدىن تەستىقلايمىز. كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، ئوچۇق – يورۇقلۇق دۇنيا ئىقتىسادىىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز.»
باياننامىداە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئالاقىدار قارارلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلدى: «بىرازىلىيە – رۇسىيە – ھىندىستان – خىتاي – جەنۇبىي ئافرىقا (كېسەك ئالتۇن) دۆلەتلىرى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ھەمكارلىقى مۇنبىرى قۇرۇش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزدى.»
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، ئېنېرگىيە ساھەسىدىن سىرت يەنە، سۇ مەسىلىسى ۋە يېزا ئىگىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق قەدەم تاشلاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇزىماسلىقى توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بولۇپمۇ پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قاتارلىق ئۇزاق مەزگىللىك توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش كېچىكتۈرۈلمەسلىكى لازىم. قۇددۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە قارار چىقىلىرىشى لازىم.»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەسىتنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنىنى تولۇق قوللايدىغانلىىقىنى بىلدۈرگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، «تەخمىنەن 5.3 مىليون پەلەسىتنلىك مۇساپىرغا تەلىم - تەربىيە ۋە سەھىيە جەھەتتىن كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ياردەملىرى تۈپەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەسىتنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنىنى تەبرىكلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىن بۈگۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئاخىرلىشىدىكەن.