بېيجىڭ موسكۋادىن يوللانغان تۇنجى S-400 باتارىيەسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

بېيجىڭ موسكۋا تەرىپىدىن يوللانغان S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارىيەسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

1020524
بېيجىڭ موسكۋادىن يوللانغان تۇنجى S-400 باتارىيەسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ھەربىي دىپلوماتىك مەنبە رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، «رۇسىيەنىڭ ماي ئېيىدا دېڭىز يولى ئارقىلىق يوللىغان تۇنجى  S-400 باتارىيەسىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنىشىغا ئالاقىدار كېلىشىم ئۆتكەن ھەپتە ئىمزالاندى. كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن يۈك خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن بولدى» دېدى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رېن كوچياڭمۇ، S-400 باتارىيەسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى، بارلىق ئىشلارنىڭ پىلان بويىچە مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 


خەتكۈچ: #رۇسىيە , #خىتاي , #S-400

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر