ئىراق 282 پائالىيەتچىنى قويۇپ بەردى
ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 282 پائالىيەتچى قويۇپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئەزاسى فادىل ئەلغەراۋى، مەيسەن شەھىرىدىكى نامايىشلار ئەسناسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 239 كىشىنىڭ 237 سىنىڭ، زىكاردا 33 ۋە كەربالادا 12 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر كومىسسارلىق بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باشقا بىر باياناتىدا، ۋاسىت شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 176 ئادەمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.
دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋىلايەتلەردە ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە قارشى باشلانغان نامايىشلار، توكنىڭ توختاپ كېتىشى بىلەن تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەنىدى.
بەسرە، مۇسەننا، زىكار، مەيسەن ۋە نەجەفتە باشلانغان نامايىشلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا 14 – ئىيۇلدا پايتەخت باغدادقا يېيىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.