رۇسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە سۇنغان ئىران توغرىسىدىكى تەكلىپى رەت قىلىندى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قۇدۇستا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى.

1018179
رۇسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە سۇنغان ئىران توغرىسىدىكى تەكلىپى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گادى ئېئىسېنكوت، رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ قاتارلىقلاردىن باشقا رۇسىيەلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئالاقىدار ئەمەلدارلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا رەسىمىي بايانات بېرىلمىدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، ئۇچرىشىشتا سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى يازدى.

«ھائارېتز گېزىتى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەمەلدارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، لاۋروۋ نېتانياھۇغا سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرىنى ئىسرائىلىيە چېگرالىرىنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئىشغال ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىدىن 100 كىلومېتىر يىراقتا تۇتۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، نېتانياھۇ لاۋروۋنىڭ تەكلىپىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، «چېگرادىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ ئىراننىڭ رايوننى قالايمىقان قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر