دۇنيا بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلۇشىغا گۇۋاھ بولۇشقا تەييارلانماقتا

دۇنيا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بىرىگە گۇۋاھ بولۇشقا تەييارلانماقتا.

1018475
دۇنيا بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلۇشىغا گۇۋاھ بولۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 27 – ئىيۇل جۈمە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە  باشلىنىدىغان ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى 28 – ئىيۇل سائەت 2 دىن 38 مىنۇت ئۆتكۈچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 4 سائەتكە يېقىن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى ئىنسانلار مۇشۇ ئەسىردە كۆرىدىغان ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاينىڭ تۇتۇلۇشى، ئاي ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقاندا دۇنيانىڭ كۈن بىلەن ئاينىڭ ئارىسىغا كىرىپ، دۇنيانىڭ كۈلەڭگىسىنىڭ ئاينىڭ ئۈستىگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر