ئوماندا 274 مەھبۇس ئەپۇ قىلىندى

ئومان سۇلتانى قابۇس بىن سەئىد 115 نەپەر چەت ئەللىكنى قوشقاندا، جەمئىي 274 مەھبۇسنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ھەققىدە قارار ماقۇللىدى.

1017443
ئوماندا 274 مەھبۇس ئەپۇ قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئومان سۇلتانى قابۇس بىن سەئىد «ئەننەھدا يەنى، قوزغىلىش» كۈنى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دېلولارغا چېتىلىپ، قاماق جازاسى بېرىلگەن بىر قىسىم مەھبۇسلارنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەپۇ قىلىش قارارى چىقاردى.

ئومان ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەپۇ قىلىش قارارى 115 نەپەر چەت ئەللىكنى قوشقاندا، جەمئىي 274 مەھبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ مەھبۇسلارنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى ۋە قايسى خىل جىنايەتتىن قاماققا تاشلانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئوماندا سۇلتان قابۇسنىڭ 1970يىلى تەختكە چىقىشى، «ئەننەھدا يەنى، قوزغىلىش» كۈنى دەپ بىلىنىدۇ.


خەتكۈچ: #ئومان , #مەھبۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر