ئىران ۋە ئامېرىكا... بىر - بىرىگە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىغا خىتابەن «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىككىنچى تەھدىت سالما، بولمىسا تارىختا ناھايىتى ئاز ئادەم كۆرگەن ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇپ قالىسەن» دېدى.

1017427
ئىران ۋە ئامېرىكا... بىر - بىرىگە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ھەسەن رۇھانىنىڭ پايتەخت تېھراندا دۆلىتىنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە كونسۇلخانا ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلىش جەريانىدىكى ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا توسقۇنلۇق قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئەيىبلىشى ۋە «ئىران بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش تىنچلىقلارنىڭ ئانىسى؛ ئۇرۇش ئۇرۇشلارنىڭ ئانىسىدۇر» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان «ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانىغا» ماۋزۇلۇق ئۇچۇرىدا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىككىنچى تەھدىت سالما، بولمىسا تارىختا ناھايىتى ئاز ئادەم كۆرگەن ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇپ قالىسەن. ئەمدى زوراۋانلىق ۋە ئۆلۈمگە دائىر قىڭغىر سۆزلىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسمىز. دىققەت قىل» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

رۇھانى، ئىران خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق كۇشكۇرتۈشلەرگە بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ترامپنى «يالغانچى ئۇششۇق» دېگەنىدى.

ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇقىنىڭ شەرقتە ھىند تۆۋەن قىئەسى، غەربتە ئاقدېڭىز، جەنۇبتا قىزىل دېڭىز ۋە شىمالدا كاۋكازىيەگىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سىياسەتتىن ئازراق خەۋىرى بار ئادەم، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا توسقۇنلۇق قىلىمىز، دېمەيدۇ. كۆپلىگەن بوغۇز بار. ھۇرمۇز بوغۇزى بۇلارنىڭ پەقەتلا بىرىدۇر. ئىران بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش تىنچلىقلارنىڭ ئانىسى؛ ئۇرۇش ئۇرۇشلارنىڭ ئانىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر