ئامېرىكا ئىراننىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنى قارا جەمئىيەت گۇرۇھىغا ئوخشاتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئىراننىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنى قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئوخشاتتى.

1017240
ئامېرىكا ئىراننىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنى قارا جەمئىيەت گۇرۇھىغا ئوخشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو، ئىراننىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئالىي رەھبەرلەر قاتلىمىدا باش كۆتۈرگەن چىرىكلىك قىلمىشى ۋە بايلىق سەۋىيەسى ئىراننىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەس قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

مىنىستىر پومپيو كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى رونالد رېگان كۇتۇپخانىسى ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەركىزىدە «ئىرانلىقلارنىڭ ساداسىنى قوللاش»تېمىلىق يىغىندا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىرانلىقلارغا خىتاب قىلدى.

ئىراندا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋتقان نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان پومپيو: دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى ئىران خەلقى ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئوخشاش چۈشنى كۆرۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز، تەڭرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ كۈنلەرمۇ رىئاللىقا ئايلىنىدۇ، دېدى.

ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئىران ئىنقىلاب ئىدىيەلىرىنى رايوندا زوراۋنلىق بىلەن تارقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پومپيو، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 40 يىلدىن بۇيان ئىراننىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئامىللىرىنى بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پومپيو: ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئىران خەلقى ئۈچۈن يامان چۈش ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە ھەممە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە، دېدى.

ئىران خەلقىنىڭ ئۈچتە بىرىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پومپيو مۇنداق دېدى: «يادرو كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى نېفىتتىن كەلگەن كىرىملەرنى خەلققە ئىشلەتسە بولاتتى، لېكىن ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا تېررورچىلارغا، مۇستەبىتلەرگە ۋە مائاشلىق باندىتلارغا خەجلىدى.»

ئىراننىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنى چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن پومپيو، ئىران سوت مەھكىمىسى باشلىقى سادىق لارىجانىنىڭ ئىراننىڭ روھانى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېينىڭ يانتاياق بولۇشى ئارقىسىدا 300 مىليون دوللار خىيانەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پومپيو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئايەتۇللاھ ھامانېينىڭ سەتاد نامىدىكى ھېساۋاتىدا 95 مىليارد دوللارلىق قانۇنسىز مەبلەغ فوندى بار، ئەپسۇس بۇ مال-دۇنياغا باج قويۇلمايۋاتىدۇ. »

ئىراندىكى نۇرغۇن ئەمەلدارنىڭ بۇ چىرىكلىك قىلمىشىغا ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پومپيو:  رەھبەرلەر قاتلىمىدا باش  كۆتۈرگەن چىرىكلىك قىلمىشى ۋە بايلىق سەۋىيەسى ئىراننىڭ ھۆكۈمەتتىن تەرىپىدىن ئەمەس قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

پومپيو ئىراننىڭ بىر تەرەپتىن گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنى يادرو كېلىشىمىنى قوللاشقا قايىل قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرانغا تېخىمۇ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان پومپيو، تېھران ھاكىمىيىتى كونكرېت قەدەم تاشلىغان تەقدىردە ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر