شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى خەلقنى چىقىمنى تېجەشكە چاقىرىق قىلدى

شامالىي كورېيەدە خەلقنىڭ چىقىمنى تېجەشكە تەييار تۇرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

1017796
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى خەلقنى چىقىمنى تېجەشكە چاقىرىق قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Yonhap» ئاگېنتلىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى «Rodong Sinmun» نى مەنبە كۆرسەتكەن ماقالىسىدا، 1990يىللىرى رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادا سوتسىيالىزم ۋەيران بولغاندىن كېيىن، شىمالىي كورېيەنىڭ ئېغىر تامراتلىق ۋە يوقسۇللۇقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقى، گويا «ئاردوئۇس مارت» دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ماقالىدا «قار ۋە بوران چاپقۇندا، چىقىمنى تېجەپ، ئۇزۇن بىر مۇساپەنى بېسىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولساقمۇ، 70 يىللىق كۈرەش جەريانىدا ۋە سوتسىياسىلىزم يولىدا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان خەلق يولىدىن ئايرىلمايمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

چىقىمنى تېجەش چاقىرىقىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسدىكى كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن پاكلاش مۇزاكىرىلىرىگە نىسبەتەن ئەندىشىلەر يۇقىرى ئۆرلىگەن بىر دەۋردە ئېلان قىلىنىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قارار ماقۇللاپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇن بىلەن 12ئىيۇندا شىنگاپوردا كۆرۈشكەن ئىدى. ئىككى رەھبەر كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن پاكلاش ئۈچۈن ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشى ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر